تۈركىيە بىلەن قازاقىستان چېگرا ھالقىپ ھەمكارلىق ئورنىتىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە بىلەن قازاقىستان «تۈركىيە – قازاقىستان چېگرا ھالقىغان مەركەزلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىدى.

1732842
تۈركىيە بىلەن قازاقىستان چېگرا ھالقىپ ھەمكارلىق ئورنىتىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – قازاقىستان چېگرا ھالقىغان مەركەزلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش رامكا كېلىشىمىنىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇش بىلەن قازاقىستان سودا ۋە بىر گەۋدىلىشىش ئىشلىرى مىنىستىرى باخت سۇلتانوۋنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، تۈركىيە ۋە قازاقىستان ۋەكىللىرى ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، مەزكۇر كېلىشىم تۈركىيە سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ۋە قازاقىستان سودا ۋە بىر گەۋدىلىشىش ئىشلىرى مىنىستىرى باخت سۇلتانوۋ تەرىپىدىن ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر