تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىشنى مەزمۇن قىلغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى قارارنامەسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.

1732337
تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدىنقى كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىگە ئەۋەتىلگەن ئىجازەتنامىدە، ئەزەربەيجان،  ئەرمېنىيە ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن 2020 – يىلى 9 - نويابىر ئىمزالانغان «ئۈچ تەرەپ خىتابنامىسى»دىكى رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقئارا قانۇن ۋە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئىگىلىك ھوقۇق ئاساسىدا ئۆزىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالىشى ئۈچۈن باشتىن تارتىپلا ئەزەربەيجاننى قوللاپ كەلگەن تۈركىيەنىڭ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش، ھەمدە بۇنى ئاسانلاشتۇرىدىغان شەكىلدە ئىقتىسادىي ئۇل ئەسلىھە بەرپا قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈش يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر