ت ر ت نىڭ «The Factory» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلىشى كۈتۈلمەكتە

ھۆججەتلىك فىلىم، فىرانسىيەنىڭ لافارگې سېمونت گۇرۇھىنىڭ، فىرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقىنى دەلىل - پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

1732510
ت ر ت نىڭ «The Factory» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلىشى كۈتۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: TRT World قانىلىنىڭ ئىككى يىل بويىچە يېرىم مېىليون ھۆججەتنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە ئىشلەنگەن «The Factory (زاۋۇت)» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى، فىرانسىيەنىڭ لافارگې سېمونت ناملىق شىركىتىنىڭ، فىرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى، نەچچە ئون مىليون دوللارنىڭ دائېش ۋە پ ك ك نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى پاكىت ۋە شاھىتلىرى بىلەن بىرلىكتە يورۇقلۇققا چىقاردى.

ھۆججەتلىك فىلىم پارىژ ھۇجۇمىنىڭ 6 – يىل خاتىرە كۈنى بولغان 12 – ۋە 13 – نويابىر كۈنلىرى TRT Haber، TRT World ۋە TRT Arabi قاتارلىق ئۈچ قانالدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ قاراڭغۇ نۇقتىلىرىنىڭ بىرىنى ئايدىڭلىتىپ بەرگەن ھۆججەتلىك فىلىمدە؛ فىرانسىيەنىڭ سېمونت گۇرۇھى لافارگېنىڭ كىمنىڭ يېتەكلىشى ۋە ماقۇللىشى بىلەن سۈرىيەدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغلىرىنىڭ فىرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ كۆزىتىشى ۋە ماقۇللىشى سايىسىدا دائېش ۋە پ ك ك غا قانداق يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى، فىرانسۇز سىياسەتچىلەر ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ لافارگېنى قانۇنىي ۋە مەمۇرىي تەكشۈرۈشتىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

ھۆججەتلىك فىلىمدە، سۈرىيەدە دائېشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش بىلەن باشلانغان مۇساپىنىڭ پارىژ ھۇجۇجلىرىنى قانداق مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

فىرانسۇز لافارگېنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېما قىلغان «فابرىكا (زاۋۇت)» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئەتە تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) قانىلى — ت ر ت خابەردە تارقىتىلىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرى بىلەن بىرلىكتە ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تونۇشتۇرۇش ۋىدېئوسىغىمۇ ئورۇن بېرىپ: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن بىر فىرانسۇز شىركىتى، مىليونلارچە دوللار ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىل مۇناسىۋەتلەر... ئىنسان ھاياتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىغان بىر تۈزۈم ۋە ھاياتتىن مەھرۇم قىلىنغان مىڭلارچە بىگۇناھ جان... دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغايدىغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم — The Factory 12 – نويابىر ت ر ت خابەردە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر