«پارىژ كېلىشىمى» تۈركىيەدە يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى

كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش نىشان قىلىنغان ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان «پارىژ كېلىشىمى» بۈگۈندىن ئېتىبارەن تۈركىيەدە يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

1731853
«پارىژ كېلىشىمى» تۈركىيەدە يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «پارىژ كېلىشىمى»، يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا 1.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.

كېلىشىمگە ئاساسەن، پارنىك گازى قويۇپ بېرىلىشىنى يەر شارى خاراكتېرلىك سەۋىيەدە تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىگە قاراپ ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سېنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە، تۈركىيەنىڭ «پارىژ كېلىشىمى» نى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

كېيىنچە، «پارىژ كېلىشىمى» تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلدى ۋە بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە، «پارىژ كېلىشىمى» نى قوللىغان  192 – دۆلەت بولدى.

كېلىشىم دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى قەدەم سۈپىتىدە، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي تۆھپە باياناتلىرىنى يېڭىلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىغا سۇنۇشى پىلانلانماقتا.

ئاندىن،  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جاكارلىغان، تۈركىيەنى،  2053-يىلغا بارغاندا، بۇلغىما قويۇپ بېرىش نىسبىتى نۆل بولغان،  كاربون نېيترال دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش نىشاننى توغرۇلۇق بىر يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىلىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەت، تۈركىيەنىڭ «پارىژ كېلىشىمى» نى ماقۇللىشىنى قوللىماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى ئىجرائىيە مۇدىرى پاترىسىيا ئېسپىنوسا، «تۈركىيە چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، شۇ ۋەجىدىن، <پارىژ كېلىشىمى> گە ئالاقىدار بارلىق ساھەلەردە، تۈركىيەنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشكە قوشقۇسى تۆھپىسى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر