تۈركىيە ئەزەربەيجان بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ غەلىبىسىنىڭ خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ۋە ئەزەربەيجان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1730797
تۈركىيە ئەزەربەيجان بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قاراباغ غەلىبىسىنىڭ 1 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتىبىلەن يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئەزەربەيجاننىڭ 44 كۈنلۈك ۋەتەن ئۇرۇشى ئارقىلىق  ئۆتكەن يىلى 11 – نويابىردا مەدەنىيەت پايتەختى شۇشانى (ئەرمېنىيە ئىشغالىدىن) ئازاد قىلىش غەلبىسىنى تەبرىكلەيمىز. ئىشغال ئاستىدىكى جايلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىدىن پايدىلانغان ئەزەربەيجان، 9 – نويابىردا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ خىتابنامىسى ئارقىلىق ئەمەلىي مەيداندىكى غەلىبىسىنى سۆھبەت ئۈستىلىدىمۇ قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يولغا قويدى.

قاراباغ غەلبىسىنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «بىز يەنە ئەزەربەيجاننىڭ غەلبىسى بىلەن يۇرت – ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن 1 مىليون ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىگە قايتىش يولىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىنمۇ خۇشاللاندۇق. قاراباغ غەلىبىسى پەقەت ئىشغال قىلىنغان يەرلەرنى ئازاد قىلىپلا قالماي، بىز بۇ رايوندا ئىنتىزار بولۇۋاتقان مەڭگۈلۈك تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىقنىڭمۇ يولىنى ئاچتى. تېز سۈرئەتتە گۈللەنگەن قاراباغ ۋە شەرقىي زەنگەزۇر رايونلىرىدىكى فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودرۇمى ۋە زەپەر يولى قاتارلىق رايوننىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن تۈرلەر، ئەزەربەيجاننىڭ بەرپاچى كۈچىنىڭ نامايەندىسىدۇر. بىز <ئىككى دۆلەت، بىر مىللەت> تونۇشىغا ئاساسەن، شۇشا خىتابنامىسى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىتتىپاقداشلىق سەۋىيەسىگە كۆتۈرگەن ئەزەربەيجاننىڭ خۇشاللىقى ۋە ئىپتىخارىنى ئورتاقلىشىمىز، بىزنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىمىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر