شىمالىي ئىراقتا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1730913
شىمالىي ئىراقتا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىپ بولغۇچە توختاۋسىز داۋام قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر