ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1729195
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىمىز، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنجە – قاپلان> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى، ياردەمچى ئۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.