يىل بېشىدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 236 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى يىل بېشىدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 236 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

1728588
يىل بېشىدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 236 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى مەيداندا روبىرو كۈرەش قىلغان بىردىنبىر ئارمىيە ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئايرىپ ئولتۇرماستىن، بارلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن، 2021-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ شىمالىدا  تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئولتۇراق جايلىرىغا بېسىپ كىرىپ ئاختۇرۇش ۋە يوللارنى تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە جەمئىي 236 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر