ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇندىن كېيىنكى مۇساپىنىڭ بۇنداق داۋاملاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

1727288
ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن G20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن بولغان سۆھبەت توغرىسىدىكى سوئالغا: «سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك|پ ي د نىڭ ئامېرىكادىن ئالغان ياردەملەر ھەققىدىكى بىئاراملىقىمىزنى يەتكۈزدۇق. بۇندىن كېيىنكى مۇساپىنىڭ بۇنداق داۋاملاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ سۆھبەتتە، «F-16» ئايروپىلارنى يېڭىلاش ياكى يېڭى «F-16» ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ بۇنىڭغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بۇ مەسىلىگە ھۆرمەتلىك بايدىننىڭ ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدىم» دېدى.

ئۇ تالىبان 15-ئاۋغۇست (2021) ئافغانىستاننىڭ كونتروللۇقىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن تۈركىيەگە قارىتا باشلانغان يېڭى كۆچ دولقۇنى توغرىسىدا توختالغاندا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن قېچىپ كەلگەنلەرنى قوشقاندا جەمئىي 5 مىليونغا يېقىن مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتىمىز. كەڭ كۆلەملىك كۆچكە ئىشىكىمىزنى ئېچىش نىيىتىمىز يوق» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر