رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گلاسگوۋدىكى كىلىمات يىغىنىغا قاتناشمىدى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك كېلىشىم ئۆلچىمى توغرىسىدىكى تەلەپلىرى ئورۇنلانمىغان بولغاچقا، شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ (Glasgow) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت 26-قېتىملىق كىلىمات كونفېرانسىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1727690
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گلاسگوۋدىكى كىلىمات يىغىنىغا قاتناشمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بۇ پەقەت بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە دۆلىتىمىزنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان G20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئىتالىيە پايتەختى رىمدىن قايتىش سەپىرىدە، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن F-16 ئايروپىلانى سېتىۋېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ئۇلاردىن بۇ توغرىدا سەلبىي قاراش ھېس قىلمىدىم. مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ سەزگۈر مەسىلىنى نەتىجىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئافغانىستان، سۈرىيە، لىۋىيە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىقلاردىن باشقا، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ قويۇق داۋاملاشتۇرۇشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «ۋاقتى كەلگەندە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن چېكىنمەيمىز. قارشىمىزدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان پ ك ك| پ ي د| ي پ گ بولسا، نېمە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا شۇنى قىلىمىز، يول قويمايمىز» دېدى.

ئۇ شوتلاندىيەگە نېمە ئۈچۈن بارمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «گلاسگوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى ئۈچۈن تەلەپ قىلغان بىخەتەرلىك كېلىشىم ئۆلچىمىمىز بار ئىدى. بۇلار بارلىق خەلقئارالىق زىيارەتلىرىمىزدە بىزگە ۋە باشقا ھەممە رەھبەرلەرگە ھەر دائىم ئىجرا قىلىنىدىغان مۇراسىم ئۆلچەملىرى. ئەمما، بىزگە ئاخىرقى مىنۇتلاردا بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بىراق، بىزنىڭ رەت قىلىنغان تەلەپلىرىمىزنىڭ باشقا دۆلەت ئۈچۈن مۇستەسنا ھالدا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۇق. بۇنى قوبۇل قىلالمىدۇق. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىمىز مەيدانى ئېنىق ھالدا سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ھۆرمەتلىك بورىس جونسون بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلدى. دەسلەپتە مەسىلىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ناھايىتى ئەپسۇسكى ئاخىرقى مىنۇتتا، بىزگە شوتلاندىيە تەرەپنىڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانلىقىنى ئېيتتى. تەلەپلىرىمىز ئورۇنلانمىغان بولغاچقا، بىزمۇ گلاسگوۋغا بېرىشتىن ۋاز كەچتۇق. بۇ پەقەت بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە دۆلىتىمىزنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى. بىز خەلقىمىزنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى قوغداشقا مەسئۇل. ھېچقانداق يەردە دۆلىتىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە زىيان سېلىشقا رۇخسەت قىلالمايمىز. تېخىمۇ ئادىل دۇنيانى، پەقەت باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان قاراش بىلەن قۇرالايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق كۆرسەتكەن بولدۇق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ھازىر كلىنكىلىق سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى تۈركوۋاك تەستىقلانغاندا، تۈرك خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر