جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 20 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملاپ مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى.

1727293
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ھەمراھلىرى ئولتۇرغان «TUR» مەخسۇس ناملىق ئايروپىلان، ئەنقەرە ۋاقتى كېچە سائەت 00.20 دە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

ئەردوغاننى بۇ يەردە ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىلەر قارشى ئالدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى ئەفكان ئەلا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلارمۇ ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر