ئەردوغان: «گېرمانىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ساھەدە تۈركىيەنى پەخىرلەندۈرىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1726970
ئەردوغان: «گېرمانىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان: «بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى، كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەشتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۈمىد بولغان ئۇغۇر شاھىن ئەپەندى ۋە ئۆزلەم تۈرىجىدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەمگەك كۈچى كېلىشىمىنىڭ 60 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن گېرمانىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان پروگراممىغا سىنلىق ئۇچۇر يوللىدى.

60 يىل ئىلگىرى گېرمانىيەگە بارغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە 3 مىليون 500 مىڭ نوپۇسى بىلەن گېرمانىيەنىڭ موھىم، ئايرىلماس ۋە كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، كۆچمەنلىكنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا قىيىن خىزمەت شارائىتىغا بەرداشلىق بېرىپ، باشقا مەدەنىيەت ئىچىدە ياشاشنىڭ  قىيىنچىلىقلىرىغا قارشى كۈرەش قىلغان تۈركلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ قايتىدىن دەس تۇرىشىدا باشلامچىلىق رولى ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«بىر مەزگىل مېھمان ئىشچى سۈپىتىدە تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بولغان گېرمانىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە تېبابەتتىن قۇرۇلۇشقىچە، تەنتەربىيەدىن سەنئەتكىچە، مۇزىكادىن ئەدەبىياتقىچە بولغان ھەر ساھەدە بىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان خىزمەتلەرنى قىلماقتا. بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى، كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەشتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۈمىد بولغان ئۇغۇر شاھىن ئەپەندى ۋە ئۆزلەم تۈرىجىدۇر. بۇ ئىككى قىممەتلىك كىشىمىز پۇرسەت باراۋەرلىكى بېرىلگەن تەقدىردە، گېرمانىيەدىكى تۈرك خەلقىنىڭ نېمىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى نامايەندىسىدۇر».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر