ئەردوغان ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى — ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزىنىڭ، تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت تومۇرى سوقىدىغان يەر سۈپىتىدە ئەسىرلەر بويى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1726755
ئەردوغان ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى
AKM.jpg
erdogan akm.jpg
erdogan akm acilis.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدىكى سۆزىنىڭ بېشىدا ئىشتىراكچىلارغا سالام بەردى ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى 98 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

ئەردوغان، نەچچە مىڭ يىللىق دۆلەتلەر تىزمىسىنىڭ بۇ جۇغراپىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسى بولغان جۇمھۇرىيەتنى ھەدىيە قىلغان غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  مىللىي كۈرەشنىڭ قەھرىمانلىرىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەپ ئۆتتى ۋە ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ 98 – شاتلىق كۈنىدە، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتنى، جۈملىدىن ئىستانبۇلنى يېڭى بىر مەدەنىيەت – سەنئەت ئەسىرىگە ئىگە قىلىپ، خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارغا چۈمگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن 75 يىل ئىلگىرى تاقسىمدا ئۇلى قويۇلغان ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزىنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بېرى پايدىلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، ئومۇمىي كۆلىمى 95 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىككى يېرىم يىلدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى ئارقىلىق ئىستانبۇل ۋە دۇنيانى ئۇنتۇلغۇسىز مەدەنىيەت - سەنئەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئابىدە خاراكتېرلىك بىر ئەسەر ياراتقانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «مەن، 1453 – يىلى ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغاندىن بۇيان بۇ شەھەرگە باسقان مۆھۈرلەرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى، دەپ قارايدىغان ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزى دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت تومۇرى سوقىدىغان بىر يەر سۈپىتىدە ئىنشائاللاھ ئەسىرلەر بويى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر