تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا «F 35» ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا « F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ۋە مالىيە ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

1726071
تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا «F 35» ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا، «F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ۋە مالىيە تېمىلىرى مەقسىتىدە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت نەتىجىسىدە، مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر