تۈركىيە خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى گېڭ شۇاڭنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.

1726233
تۈركىيە خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، تۈركىيەنى «سۈرىيەدە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا رىئايە قىلىش»قا چاقىرغان خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىز خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ۋە ئىسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلاردىن ساۋاق ئالمايمىز» دېدى.

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنىدا، تۈركىيەنى فىرات دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن ئاللوك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورنىدىكى سۇ توختاپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ جاۋابكارى دەپ كۆرسەتتى، ھەمدە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىنى ئىشغال قىلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن تۈركىيەنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، گېڭ شۇاڭنىڭ ئەيىبلىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىز خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلاردىن ساۋاق ئالمايمىز» دېدى.

ئاللوك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورنىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنىڭ ب د ت باش كاتىپىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان باش ئەلچى سىنىرلىئوغلۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ پىلانلىرىغا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، پ ك ك / ي پ گ نىڭ رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پۇقرالار ۋە تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئافرىندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 6 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى سىنىرلىئوغلۇ، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى سۈرىيەلىك ئەزىدىلەرنىڭ ۋە سۈرىيەلىك كۇردلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پ ك ك / ي پ گ ھۇجۇملىرىنىڭ پەقەت سۈرىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان سىنىرلىئوغلۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىدىن تۈركىيەنى زەربە ئوبيېكتى قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە ب د ت دا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تىغ ئۇچىنى تۈركىيەگە قارىتىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر