تۈركىيە «بايراقتار ت.ب2» ئېسكپورت قىلغان دۆلەت سانى 13 كە يەتتى

بايقار شىركىتى، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى «بايراقتار ت.ب2»نىڭ يېڭى بىر دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1726009
تۈركىيە «بايراقتار ت.ب2» ئېسكپورت قىلغان دۆلەت سانى 13 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايقار شىركىتى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، يېڭى بىر دۆلەتكە «بايراقتار ت.ب2» تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. شىركەتنىڭ ئۇچۇرىدا مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، «يەنە بىر دۆلەت بىلەن <بايراقتار ت.ب2> تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېكسپورتى كېلىشىمى تۈزدۇق. بۇ كېلىشىم بىلەن بىرلىكتە <بايراقتار ت.ب2> ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەت سانى 13 كە يەتتى. (بۇ بىر) مىللىي تېخنولوگىيە سەپەرۋەرلىكى(دۇر)» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر