ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى خەلقئارا ئايرودۇرۇم كېڭىشى (ACI)  تەرىپىدىن يەنە 2 چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى خەلقئارا ئايرودۇرۇم كېڭىشى (ACI)  تەرىپىدىن چاقىرىلغان «17-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئايرودۇرۇم كېڭىشى ACI ياۋروپا مۇكاپاتى»  يىغىنىدا «ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى ئايرودۇرۇم» ۋە «قولايلىق ئايرودۇرۇم» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

1725702
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى خەلقئارا ئايرودۇرۇم كېڭىشى (ACI)  تەرىپىدىن يەنە 2 چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى ئۈچۈن ساھەگە ئىلھام بەرگەن تەدبىرلىرى، قولايلىق ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرى ۋە سىجىللىقىغا تۆھپە قوشىدىغان خىزمەتلىرى ئالقىش بىلەن قارشى ئېلىندى.

نوپۇزلۇق ئورگانلار تەرىپىدىن قايتا قايتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى پۈتۈن دۇنيا كوۋىد-19  يۇقۇمى سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەزگىلدە يولغا قويغان تەدبىرلىرى بىلەن ياۋروپا بويىچە يولۇچىلار سانى ئەڭ يۇقىرى ئايرودۇرۇم مۇكاپاتىغا ھەمدە سېلىنمىلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتماي داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسپاتلىغان مۇنتىزىملىشىش ۋە چىدامچانلىقى بىلەن بۇ ساھەدىكى ئەڭ داڭلىق ئىككى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

«17-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئايرودۇرۇم كېڭىشى ACI ياۋروپا مۇكاپاتى»  يىغىنى دائىرىسىدە، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 40 مىليوندىن ئارتۇق يولۇچى تۈرى بويىچە «ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى ئايرودۇرۇم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى يەنە لايىھەلەش باسقۇچىدىن ئېتىبارەن بارلىققا كەلتۈرگەن قولايلىق كۈلتۈرى ۋە توسالغۇسىز ئايرودۇرۇم ئۇقۇمى بىلەن خەلقئارا ئايرودۇرۇم كېڭىشى ACI نىڭ «قولايلىق ئايرودۇرۇمى » مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بۇ مۇكاپاتلار شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئايرودۇرۇم كېڭىشى ACI  قۇرۇلتايى ئومۇمىي كېڭىشى دائىرىسىدە، 26 – ئۆكتەبىردە  IGA ئايرودۇرۇم ئىجرائىيە ھەيئىتى كېڭىشى باشلىقى ۋە باش دىرېكتورى قادىرى سامسۇنلۇغا تەقدىم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر