تۈركىيە ئىراقنىڭ دىيالە ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىراقنىڭ دىيالە ۋىلايىتىدىكى بىر يېزىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

1725744
تۈركىيە ئىراقنىڭ دىيالە ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ئىراقنىڭ دىيالە ۋىلايىتىدىكى بىر يېزىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەنسۇبى تېررورچىلار تەرىپىدىن تۈنۈگۈن كېچە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراق خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ، ئىراقنىڭ دىيالە ۋىلايىتىدىكى  بىر يېزىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر