تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (IAF) غا رەسمىي ئەزا بولدى

تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (TUA) خەلقئارا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىرلەشمىسى (IAF) غا رەسمىي ئەزا بولدى.

1724944
تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (IAF) غا رەسمىي ئەزا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، (TUA) نىڭ خەلقئارا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىرلەشمىسىگە ئەزا بولۇشى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ 71 دۆلەتتىن 407 دىن ئارتۇق ئەزاسى بار ئەڭ چوڭ ئالەم قاتنىشى تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزالىقىنىڭ،  خەلقئارا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىرلەشمىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە تىزىمغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىز ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەلقئارالىق تەتقىقاتلاردا سۆز ساھىبى بىر تۈركىيە ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر