چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنى تەبرىكلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مايكېل لىنخارتقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

1724421
چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مايكېل لىنخارتقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن.

ئاۋسترىيەدە سابىق باش مىنىستىر سېباستىيان كۇرز، 9-ئۆكتەبىر ئۆزىگە قارىتىلغان چىرىكلىك تەكشۈرۈشى سەۋەبىدىن، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.

دۆلەتتە 11 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندېر شاللېنبېرگ، قەسەم ئىچكەندىن كېيىن، ئاۋسترىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولغان، شاللېنبېرگنىڭ ئورنىغا، تۈركىيەدە تۇغۇلغان تەجرىبىلىك دىپلومات لىنخارت دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر