سۇلايمان سويلۇ ھاككارىدا ئىككى تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى
ھاككارىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېرورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1723975
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، چۇكۇرجا چېگراسىدىن كىرگەن 2 تېرورچىنىڭ «J-SİHA» (يەنى ژاندارمىغا تەۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، قۇرۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە جەسىتى قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
سۇلايمان سويلۇ: «ياخشى گەپنى ئاڭلاشمايدۇ. ئەگەر جاسارەت قىلالىسا (پ ك ك نىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان) مۇرات قارايىلان كېلىپ باقسۇن، چاشقاندەك يوشۇرۇنۇپ يۈرمىسۇن، ئۇنىڭمۇ نۆۋىتى كېلىدۇ» دېدى.