ئاقار ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن بايانات بەردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر ئاقار بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ناتودىكى دائىمىي ۋەكالەتخانىسىدا مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكادىن F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاقار: «بۇ جەرياننى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈچىيىشى ناتو مۇداپىئەسىنىڭ كۈچىيىشىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
ناتو مەركىزىدە ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گىرېتسىيە، ئىسپانىيە، پولشا، ۋېنگىرىيە، رومىنىيە، ئىتالىيە، سىلوۋېنىيە، لاتۋىيە ۋە بۇلغارىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاقار: «بۇ ئۇچرىشىشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
ئاقار سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز مۇھىم، بىزنىڭ ئۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقىمىز ھاكىمىيەتنىڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەنلىك كۆچۈش دولقۇنى ۋە رادىكاللىشىشنى توختىتىدۇ» دېدى.
مىنىستىر ئاقار، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا سادىر قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز بۇ ۋەقەلەرنى ناھايىتى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ئورنى ۋە ۋاقتى كەلگەندە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئاقار، تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ئەگە دېڭىزى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىستا داۋاملىشىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى قوشنىدارچىلىق رامكىسى ئىچىدە دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى نىكولائوس پاناگىئوتوپۇلوس بىلەنمۇ ناتو مەركىزىدە كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاقار: «گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئىجابىي، بەرپاچى ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق. بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىنى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
گىرېتسىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان قوراللىنىش رىقابىتىگە چۈشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئاقار: «بۇ قەدەم <تۈركىيەگە قارشى ئەمەس> دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا كىمگە قارشى؟» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.