ئالتۇن: تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق مېھماننى كۈتۈۋالىمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، تۈركىيەنىڭ تۈرك كېڭىشى مېدىيا مۇنبىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1723439
ئالتۇن: تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق مېھماننى كۈتۈۋالىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، 2019 – يىلى قۇرۇلغان تۈرك كېڭىشى مېدىيا مۇنبىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

فاھرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېردىكى ئادرېىسدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈرك كېڭىشى 2019 – يىلى <تۈرك كېڭىشى مېدىيا مۇنبىرى> قۇرۇشنى قارار قىلغانىدى. بۇ مۇنبەرنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمىز. <ئۇزۇن ئۆتمۈش، كۈچلۈك كەلگۈسى> تېمىسى ئاستىدا ئەتە ئىستانبۇلدا تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق قىممەتلىك مېھماننى كۈتۈۋالىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر