ئەردوغان «يىلتىزى چوڭقۇر ئۆتمۈش، كۈچلۈك كېلەچەك» مۇنبىرىدە سۆز قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز مۇداپىئە سانائىتى ۋە ھەربىي ئىشلاردا پۈتۈنلەي چەت ئەللىكلەرگە تايانمىغاندەك، ئۇچۇر-ئالاقە مەسىلىسىدىمۇ باشقىلارغا ھاۋالە قىلالمايمىز» دېدى.

1723518
ئەردوغان «يىلتىزى چوڭقۇر ئۆتمۈش، كۈچلۈك كېلەچەك» مۇنبىرىدە سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى ساھىبخانلىق قىلغان «يىلتىزى چوڭقۇر ئۆتمۈش، كۈچلۈك كېلەچەك» تېمىسىدىكى «تۈركىيە كېڭىشى ئاخبارات مۇنبىرى» ئىستانبۇلدا باشلاندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىنلىق ئۇچۇر بىلەن مۇنبەرگە قاتناشتى ۋە مۇنداق دېدى:

<< رەقەملىك فاشىزمنىڭ بۇزغۇنچىلىق تەسىرىدىن قانچىلىك تەرەققىي قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېھقانداق دۆلەت ياكى جەمئىيەت ئەركىن ئەمەس. تۈرك دۇنياسى رەقەملىك فاشىزمدىن باشقا، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ قوش ئۆلچىمىدىن ئىزدىراپ چەكمەكتە. بولۇپمۇ 44 كۈن داۋاملاشقان تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشىدا كۆرگەن ئىككى يۈزلىمىچىلىك پوزىتسىيەسى، مەسىلىنىڭ دۆلىتىمىز نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالارنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىقى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى كۈنتەرىپكە كەلمىدى. تاراتقۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئوبيېكتىپلىقى ھەققىدە سۆزلەيدىغان خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرى ئەرمېنىيەنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلدى.>>

ئۇ قاراباغ ئۇرۇشىدا دۆلەتلىرىمىز ۋە تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتلەرگە قارشى ئىجرا قىلىنغان ئاخبارات ئېمبارگوسىنىڭ ھەم بىرىنچى مىسالى ھەمدە ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

»بىز ئاتالمىش ​​ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلەشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىمىزنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىي بايلىقلىرىنى نىشان قىلغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئوخشاش پوزىتسىيەگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىمىزگە ئاساسەن، بىز ھەممىمىز بۇ ھەقىقەتنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. بىز مۇداپىئە سانائىتى ۋە ھەربىي ئىشلاردا پۈتۈنلەي چەت ئەللىكلەرگە تايانمىغاندەك، ئۇچۇر-ئالاقە مەسىلىسىدىمۇ باشقىلارغا ھاۋالە قىلالمايمىز. بىزگە دائىم كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساۋاقلىرىنى ئۆگىتىدىغانلارنىڭ ۋىجدانى ۋە كەسپىي ئەخلاقىغا ئىشىنەلمەيمىز. بىز باشقا ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەردىكىگە ئوخشاش، چوقۇم ئاخبارات ۋە ئۇچۇر-ئالاقە جەھەتتە ئۆزىمىزنى ئوپېراتسىيە قىلىشىمىز كېرەك«

ئۇ: «بىز تۈركىيە دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ جەھەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەجرىبىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىشىمىز، كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈشىمىز ۋە قولىمىزدىكى ئىمكانىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا پايدىلىنىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. ئىشىنىمىزكى، بىز <يىلتىزى چوڭقۇر ئۆتمۈش، كۈچلۈك كېلەچەك> تېمىسىدا تەشكىللىگەن مۇنبەر، بىزگە بۇ نۇقتىدا كۈچلۈك سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ. مۇنبەرنىڭ ۋەسىلىسى بىلەن، تۈرك دۇنياسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچنى مۇستەھكەملەشنى، يالغان ئۇچۇرلارغا قارشى كۈرەش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، مىللىي ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى ھەرىكىتى، ئورتاق مەدەنىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان كىنو-تېلېۋىزىيە يۈرۈشلۈك تۈرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. ھالقىلىق پەيتتە ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەرنىڭ، بىزنى بۇ نىشانلارغا بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر