«ئەرەن – 13» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سىئىرت ۋىلايىتى ئەرۇھ ناھىيەسىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  «ئەرەن – 13» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1723693
«ئەرەن – 13» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىئىرت ۋىلايىتى ئەرۇھ ناھىيەسىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا، شىرناق قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانلىقىدا، سىئىرت ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى، ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا،  قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى  ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  «ئەرەن – 13» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى  4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ھەربىي ھەرىكەتلىرى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر