سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى بايقالغان ئۈچ تېررورچىسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1723589
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ: «پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ۋەقە پەيدا قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى بايقالغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى كوماندىر جەڭچىلىرىمىزنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر