دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىدىن بىرىنى ئۇجۇقتۇردى
دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى، تۈركىيە – ئىراق چېگراسىدىن 170 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كەركۈك يېزا – قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/KCK نىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن شىلان گۇيى لەقەملىك تايبەت بىلەننى ئۇجۇقتۇردى
1723665
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گارا رايونىدىكى ئايال تېررورچىلارغا مەسئۇل ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان بىلەن، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن تەقىب قىلىنىشقا باشلىغان، ئاندىن كۈركۈك يېزا – قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، ھەمراھلىقىدىكى 2 تېررورچى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.
دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكىتى، كەركۈكنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا، دۆلەت چېگراسىدىن 170 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ھەربىي ھەرىكەت بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.