«ئىستانبۇل پۇل – مۇئامىلە مەركىزىنى خەلقئارالىق مەركەزگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل پۇل – مۇئامىلە مەركىزىنى دۇنيادىكى مۇھىم مەركەزلەردىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «رايونلۇق پۇل – مۇئامىلە كونفېرانسى» غا يوللىغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان، ساغلاملىق بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي تەرىپىمۇ بار بولغان يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسكە قارشى كۈرەش قىلىنىۋاتقانلىقىنى، 2020-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىدا% 3.5 تۆۋەنلەش، يەرشارى سودىسىدا% 10 كە يېقىن تارىيىش كۆرۈلگەنلىكىنى، يېمەك - ئىچمەك ۋە تاۋار باھاسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا يېقىنقى 10 يىللىق رېكورتنىڭ بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ باسقۇچتا ھەم يۇقۇمغا قارشى كۈرەش، ھەم ئىقتىساد ساھەسىدە باشقىچە تەدبىر قوللانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇم ئەڭ كۈچلۈك ھېس قىلىنغان مەزگىللەردىمۇ، ئىشلەپچىقىرىش، ئەشيا ئوبوروتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سانائەت ساھەسىنى تاقاش يولىنى تاللىمىدۇق. / ...2020 - يىلى % 1.8 لىك نىسبەت بىلەن، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدە ئەڭ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق، 2021-يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە % 7.2 لىك، ئىككىنچى چارىكىدە بولسا % 21.7 لىك ئېشىش سۈرئىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېكسپورت ساھەسىدىمۇ رېكورت يارىتىپ، يىللىق نىسبەتتە 212 مىليارد دوللار كىرىم كىرگۈزدۈق، يۇقۇم مەزگىلىدە يەر شارى خاراكتېرلىك سېلىنمىلار % 35 تۆۋەنلەپ كەتكەن بىر پەيتتە، ئېلىمىزدە ئاساسەن ھېچ ئاستىلىمىدى، خۇدايىم بۇيرىسا، 2021-يىلىنى % 9 لىك تەرەققىيات بىلەن تاماملاشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»
بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن پاراللېل ھالدا خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىىستانبۇل پۇل – مۇئامىلە مەركىزىنى دۇنيادىكى مۇھىم مەركەزلەردىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز، بۇ لايىھەنىڭ ئىسلامىي پۇل-مۇئامىلە جەھەتتىنمۇ مەركەزگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ ھەقتىكى قانۇن چىقىرىش خىزمەتلىرىمىزنى پات يېقىندا تاماملايمىز.»
تۈركىيەنىڭ، مەبلەغ سېلىش ۋە سودا پۇرسىتى جەھەتتە خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق قانۇنغا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەردوغان، مەبلەغ سالغۇچىلارنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.