ئاقار ناتو قارارگاھىدا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو قارارگاھىنى زىيارەت قىلدى.

1723104
ئاقار ناتو قارارگاھىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى باسات ئۆزتۈرك ۋە باشقا دائىرىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان ئاقار، ناتو دائىمىي ۋاكالەتخانىسى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋاكالەتخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردىكى خىزمەتچى – خادىملار بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە داۋاملىشىۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە خەلقئارا سەھنىدە مۇھىم بىر كۈچكە ئايلانغان تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

00



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر