ئەردوغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «(ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆلىگەن) بىر مىليارد 400 مىليون دوللىرىمىزنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئالىمىز» دېدى.

1723116
ئەردوغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئانگولا، توگو ۋە نىگېرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئۇلارنىڭ كۈنتەرتىپ توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان F-35 تىپلىق ئايروپىلانلار توغرىسىدا توختىلىپ: «ھازىر تۆۋەن دەرىجىلىك سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەمما بىز بىر مىليارد 400 مىليون دوللىرىمىزنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئالىمىز. (30-ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە، ئىتالىيەنىڭ پايتەختى) رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو) بايدىن بىلەن سۆزلىشىمىز. «نېمە قىلىۋاتىمىز، نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟» دەپ سورايمىز. ھەرقانداق ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ ھوقۇقىنىڭ نابۇت قىلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.

ئەردوغان بىر مۇخبىرنىڭ سۈرىيەدە چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغان ياكى بېرىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا: «نۆۋەتتە رايوننىڭ ھالقىلىق سەزگۈر نۇقتىلىرىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز تېز سۈرئەتتە توختاۋسىز داۋام داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇ جەھەتتە قەتئىي مۇرەسسە قىلىنمايدۇ. سۈرىيەدە بۇ جەرياننى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. (ئەسەد) ھاكىمىيىتى قانداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ، بىلمەيمەن، بىراق بىز بولۇپمۇ ئىدلىبتا قېلىشىقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشنى، بارلىق ئېغىر تىپلىق قوراللىرىمىز ئىشلىتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بىز بۇ ئىشنى بولۇشىغا قويۇپ بەرمەيمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

غەربىي ئافرىقا ساياھىتى دائىرىسىدە 17 – ئۆكتەبىر باشلانغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، شۇنداق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە 30 ئوخشىمىغان ئافرىقا دۆلىتىدە 41 قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

يالغۇز بۇ كارتىنانىڭ ئۆزىنىڭلا تۈركىيەنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا ئانگولا، توگو، بۇركىنا فاسۇ، لىبېرىيە ۋە نىگېرىيە پرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر