تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 214 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 214 كىشىىگە يەتتى.

1722791
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 214 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 261 مىڭ 350 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 29 مىڭ 760 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 28 مىڭ 803 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 114 مىليون 620 مىڭ 510 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر