تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئىران بىلەن تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىزالىدى.

1722873
تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ مەنسەپدىشى ئەھمەد ۋاھىدى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن، پىكىر بىرلىكى كېلىشىمى ئىزالاندى ۋە  بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلدى.

سۇلايمان سويلۇ: «بىز پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتى ۋە باشقا بارلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە ئورتاق ئىرادىمىزنى نامايان قىلىماقتىمىز. نۇرغۇن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىمىز بار، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تەلەپلىرى ۋە دىنامىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۈگۈن يەنە بىر قېتىم تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىمىز ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى ئىسپاتلىدۇق» دېدى.

سۇلايمان سويلۇ ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەردىن كېيىن قانۇنسىز كۆچمەنلىكنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە  قارشى يىللاردىن بۇيان ئورتاق داۋاملاشتۇرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مىنىستىرلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى  ئوخشىمىغان ساھەلەرگىچە كېڭەيتىدىغان پىكىر بىرلىكى كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ۋاھىدىمۇ تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان تېخىمۇ چوڭقۇر يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز سۈيقەستچىلەرنىڭ ئىران بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە مەسىلە تېپىپ بېرىشىگە يول قويمايمىز» دېدى.

ئىمزالانغان پىكىر بىرلىكى كېلىشىمى ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

كېلىشىم بولۇپمۇ چېگرا رايونغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تېرورلۇق ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بۇ يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تەرەققىي قىلدۈرۇلىشىنى كۆزدە تۇتۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر