شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «تۇيۇقسىز زەربە بېرىش داۋاملاشماقتا! ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى ھاۋا ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ئۈنۈملۈك ، ھەمدە قەتئىيلىك بىلەن توختاۋسىز داۋام قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى — MIT نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ئىككى ئايرىم زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىمۇ پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
بىخەتەرلىك مەنبەلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، MIT نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشۋاتقان بولۇپ، مەتىنا رايونىدا 7- ئۆكتەبىر ۋە 11- ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى بەش تېرروچى ئۇجۇقتۇرۇلغان.