تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىنى تەستىقلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەخسۇس ۋەكىلى نىك برىج (Bridge) تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشىنى تەستىقلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

1722360
تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىنى تەستىقلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەخسۇس ۋەكىلى برىج: <<تۈركىيە ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىسادىي دۆلەت. تۆۋەن ۋە كاربوننى 0 گە چۈشۈرۈش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ مۇھىم دۆلەت>> دېدى.

«كۈچ ۋە پارادوكس: 21-ئەسىردىكى بۈيۈك ئىستراتېگىيەنى چۈشىنىش» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن <<2021 ت ر ت  ۋورلد مۇنبىرى>> دە، <<ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت بولۇش سۈپىتىدە كىلىمات ۋە يەر شارى سەھىيە كىرىزىسلىرى>> دېگەن تېمىدىكى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

ت ر ت ۋورلدنىڭ دىكتورى راشېل رۇبل (Rachael Ruble) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان يىغىنغا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەخسۇس ۋەكىلى نىك برىج، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت مەسلىھەتچىسى ۋە مۇھىت قوغداش يازغۇچىسى ئالېكساندېر ۋېربېك، پرىنستون ئۇنىۋېرستېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى پىروفېسسورى روبېرت ئو كېيوخېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلق ساغلاملىقى ۋە مۇھىت ئورگىنىنىڭ دىرېكتورى مارىيا نېيرا، ئافرىقا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جون ن. نكېنگاسوڭ ۋە ۋىسكونسىن مادىسون ئۇنىۋېرستېتى دۇنيا سەھىيە ئىنىستىتۇتى مۇدىرى جوناتخان پاتز قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەخسۇس ۋەكىلى برىج نويابىر ئېيى (2021) دا شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى كونفېرانسىدا بىر يەرگە جەم بولىدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ، پارىژ كىلىمات كېلىشىمى رامكىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ نۇقتىدا ئەڭ ئاجىز دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان ياردەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىنى تەستىقلىغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

<<جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارىژ كېلىمات كېلىشىمىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 2053-يىلىغا بارغاندا كاربون بىتەرەپ بولۇش ۋەدىسى ئىنتايىن مۇھىم قەدەم. تۈركىيە ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىسادىي دۆلەت. تۆۋەن كاربون ۋە نۆل كاربون ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم دۆلەت. ھازىر ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېشىل ئىستراتېگىيەسى بار. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭمۇ بۇ ئۆتكۈنچى باسقۇچنى قوللىغانلىقىنى كۆرۈش تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر