مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، 21 – ئۆكتەبىردىن 24 – ئۆكتەبىرگىچە جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1722439
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېۋيوڭ چۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن  2021- يىلى 21-ئۆكتەبىردىن 24 -ئۆكتەبىرگىچە كورېيە جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىشى، رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى پىلانلانماقتا. ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىزنىڭ كورېيە باش مىنىستىرى بو كيۇم كىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىمۇ كۈتۈلمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر