ئوكتاي، گۈل ۋە سويلۇ باش ئەلچىلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ  تۈركىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 10 باش ئەلچىنىڭ باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1721652
ئوكتاي، گۈل ۋە سويلۇ باش ئەلچىلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پايتەخت ئەنقەرەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 10 باش ئەلچىنىڭ، كارخانىچى ئوسمان قاۋالانىڭ سوتلىنىشىغا دائىر باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۆزلىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىغا سادىق بولۇش مەجبۇرىيىتى بار ۋە <ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى> توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ھەددىدىن ئېشىپ،  <سىياسەتنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئارىلىشىش> نى تەلەپ قىلىپتۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيەدە ئەدلىيە ئورگانلىرى مۇستەقىلدۇر، تۈركىيەمۇ پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىر دۆلەتتۇر، ئەدلىيە ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، بۇ ئارزۇلىرىنى ئۆز دۆلەتلىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.»

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل، دىپلوماتلارنىڭ ئۆزلىرى قوبۇل قىلىنغان دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇنىمىزغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىلىىرىمىزگە تەۋسىيە ۋە تەكلىپتە بولۇش ھەرقانداق بىر باش ئەلچىنىڭ ھەددى ئەمەستۇر، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە كۆلەڭگە  چۈشۈرگىنىمۇ دەل مۇشۇ ھەددىدىن ئېشىش ھەم ھەددىنى بىلمەسلىكتۇر.»

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىك قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باش ئەلچىلەرنىڭ، سوت ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ئەدلىيە ئورگىنىغا تەۋسىيە ۋە تەكلىپتە بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، ئى باش ئەلچىلەر! شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەرنىڭ تەۋسىيە ۋە ۋە تەكلىپىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ قانۇن ۋە دېموكراتىيە ئېڭىڭلارغا  كۆلەڭگە چۈشۈرمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر