شەنتوپ ئالجىرىيەلىكلەرنىڭ قەتل قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ فىرانسىيەنىڭ يۈزلەرچە ئالجىرىيەلىك نامايىشچىنى قەتل قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1721031
شەنتوپ ئالجىرىيەلىكلەرنىڭ قەتل قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، فىرانسىيەنىڭ 1961 – يىلى يۈزلەرچە ئالجىرىيەلىك نامايىشچىنى قەتل قىلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە تۈرك، فىرانسۇز ۋە ئەرەب تىللىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىرانسىيەنىڭ، 1961 – يىلى 17 – ئۆكتەبىر كۈنى پارىژدا 300 دىن ئارتۇق ئالجىرىيەلىك نامايىشچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ئالجىرىيە پارلامېنت باشلىقى ئىبراھىم بۇگالىنىڭ، «بۇ قەتلىئاملار فىرانسىيەنىڭ پېشانىسىدە نومۇس داغ سۈپىتىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەرگىزمۇ زامان چەكلىمىسى بىلەن ئۆزىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر