ئەردوغان بۈگۈن ئۈچ كۈنلۈك ئافرىقا زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (2021-يىلى 17-ئۆكتەبىر) ئۈچ دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا زىيارىتىنى باشلىدى.

1720781
ئەردوغان بۈگۈن ئۈچ كۈنلۈك ئافرىقا زىيارىتىنى باشلىدى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 17-ئۆكتەبىردىن 20-ئۆكتەبىرگىچە مەنسەپداشلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئانگولا، توگو ۋە نىگېرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئەردوغاننىڭ ئانگولا زىيارىتىنىڭ تۈركىيەدىن بۇ دۆلەتكە قىلىنغان جۇمھۇر رەئىسلىك سەۋىيەسىدىكى تۇنجى رەسمىي زىيارەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئانگولا پىرېزىدېنتى جوۋ مانۇئېل گونچالۋېس لورېنچونىڭ ئىيۇل ئىيىدىكى تۈركىيە زىيارىتى بىلەن تەرەققىي قىلغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ، بۇ قېتىمقى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە زىيارەت بىلەن تېخىمۇ راۋاجلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەردوغاننىڭ ئانگولا زىيارىتى جەريانىدا ئانگولا دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، توگو زىيارىتىنىڭمۇ تۈركىيەدىن جۇمھۇر رەئىسلىك سەۋىيەسىدە قىلىنغان تۇنجى رەسمىي زىيارەت بولىدىغانلىقى نوقتىسىدىن  تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە لومېدىكى ئۇچرىشىشلاردا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىن مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى  شۇنداقلا ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدە چوڭقۇر يىلتىزلىق قويۇق مۇناسىۋەتلىرى بولغان نىگېرىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئاۇجادا ئۆتكۈزۈلىدىغان رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا مەۋجۇت ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بۇ زىيارەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرىدىن باشقا يەنە رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئەردوغاننىڭ ئانگولا ۋە نىگېرىيە زىيارىتى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سودا مۇنبىرى يىغىنىدا ، سودا دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر