دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار پولشادا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋارشاۋادا پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىئۇس بىلاسزاك بىلەن كۆرۈشتى.

1720343
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار پولشادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلاسزاكنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن يېتىپ بارغان پايتەخت ۋارشاۋادا ئالدى بىلەن  مارشال پىلسۇدسكى مەيدانىدىكى مەجھۇل ئەسكەر ئابىدىسىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە ئابىدىگە گۈلچەمبىرەك قويدى، ھۆرمەتتە تۇردى ۋە ئابىدە مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىدى.

مىنىستىر ئاقار، بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن، پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئۆتتى. مىنىستىرلىققا كېلىشىدە پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلاسزاك تەرىپىدىن ئاقار ئۈچۈن رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدىن كېيىن، ئاقار بىلەن بىلاسزاك ئالدى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى، ئدندىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر