چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نەجلا مەنگۇش بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولدى.

1719800
چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى تۇنجى مېھمىنىمىز قېرىنداش دۆلەت لىۋىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى نەجلا مەنگۇش ئىدى، ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە كۈنتەرتىپىمىزدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە پاراۋانلىقىغا قارىتا ياردەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «لىۋىيەدە سايلاملارنىڭ ئەركىن، ئادىل ۋە ئىشەنچىلىك شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللاۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر