جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۈچ ئافرىقا دۆلىتىدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئانگولا، نىگېرىيە ۋە توگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كۈنلۈك ئافرىقا زىيارىتى 17 – ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ.

1719113
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۈچ ئافرىقا دۆلىتىدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئانگولادىكى زىيارىتى جەريانىدا پىرېزىدېنت لورېنچو بىلەن كۆرۈشۈپ، پايتەخت ئەنقەرەدە ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ روھىغا ئاساسەن تاشلانغان كونكرېت قەدەملەر توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ، ھەمدە ئىككى دۆلەت سودا – سانائەتچىلىرىنىڭ ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئارقىدىن ئاخىرقى قېتىم 2016 – يىلى بارغان نىگېرىيەگە بېرىپ، مەنسەپدىشى مۇھەممەد بۇخارى بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە تۈركىيە – نىگېرىيە سودا مۇنىبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي يوشۇرۇن كۈچلەردىن پايدىلىنىشنىڭ بەزى قەدەملىرى تاشلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتىنىڭ  ئاخىرقى بېكىتى توگو بولىدۇ؛ تۈركىيە – توگو مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش يوللىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان زىيارەت ئارقىلىق ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچەيتىلىشى كۆزلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر