ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ
ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېنتو مارسۇدى 11-13-ئۆكتەبىر كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
1717761
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېنتو مارسۇدىنىڭ 2021-يىلى 11-ئۆكتەبىردىن 13-ئۆكتەبىرگىچە تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە قىلىدىغان تۇنجى زىيارىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق يېڭى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېيىلدى.