ئاقاردىن گىرېتسىيەگە: تۈركىيەگە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيسىلەر

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار گىرېتسىيەنىڭ يېقىندىن بۇيانقى قوراللىنىش  تەشەببۇسلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، گىرېتسىيەنى بۇ تەشەببۇستىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

1716701
ئاقاردىن گىرېتسىيەگە: تۈركىيەگە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيسىلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، ئىستانبۇلدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى دېڭىز ئارمىيەسى ئاكادېمىيەسىنىڭ 2021-2022- يىللىق ئوقۇش باشلاش يىلى مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئەگە دېڭىزى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىستىكى گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەسىلىلەرنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە، ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئاساسەن دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكلىرىنى، بۇ نۇقتىدا، گىرېتسىيەدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبەرلەرنى، ھادىسىلەرگە ئەقىل – پاراسەت، مەنتىق ۋە سوغۇققانلىق بىلەن نەزەر تاشلاشقا چاقىرىۋاتقانلىقلىرىنى، بىر قىسىم ھەربىيلەر، سىياسىيونلار ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يېتىپ، تۈركىيەنىڭ قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىرقاتار ھەربىي مانېۋىرلار ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى گۇمان قىلىۋاتىدۇ، گىرېتسىيەدە بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان بەزى دۆلەتلەرنىڭ تەشۋىقلىرى ۋە كۈشكۈرتۈشى نەتىجىسىدە قىسمەن كېلىشىملەرنى تۈزۈپ، قوراللىنىش ھەۋىسى قوزغىلىپ قالدى. ھالبۇكى، ئالدى بىلەن ماتېماتىكا ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن بۇ ھەقىقەتلەرنى كۆزىتىشلار كېرەك، دەرۋەقە، بۇنداق تەشەببۇسلار ئارقىلىق تۈركىيەگە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلىشىڭلار مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا، بۇ تەشەببۇستىن ۋاز كېچىڭلار. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، گىرېتسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، بولۇپمۇ قەرزلەرگە بوغۇلۇپ قېلىشتەك قىيىن ئەھۋالى ھەممىگە ئايان، گىرېتسىيە قوراللىنىش ھەۋىسى بىلەن بىر قىسىم ئىسراپچىلىق چىقىملىرىنى قىلىپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرماقتا ۋە گىرېتسىيە خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىغا ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزمەكتە، گىرېتسىيەدىكى ئەقىللىق كىشىلەر بۇ روشەن ھەقىقەتنى كۆرۈشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر