چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1715989
چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بېلۇجىستان رايونىدا بۈگۈن ئەتىگەن يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى، ھەمدە ئېھتىياج تۇغۇلغان تەقدىردە، ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بايان قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر