ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.

1715693
ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى ئاساسىي قانۇن خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «باشقا پارتىيەلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن تەكلىپلىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تەييارلىقلىرىنى ماسلاشتۇرالىساق، قانۇن چىقىرىش يىلى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، پارلامېنتتا بۇ ئىشنى تاماملىيالايمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ، پارتىيەسىنىڭ يېڭى قانۇن چىقىرىش يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق پارلامېنت گۇرۇپپا يىغىنىدىكى سۆزىدە يېڭى ئاساسىي قانۇن خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

پارتىيەسىنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش تەكلىپىنىڭ سەمىمىي بىر تەكلىپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، پارلامېنتتىكى باشقا پارتىيەلەرنىڭمۇ (ئاساسىي قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك) خىزمەتلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئەگەر باشقا پارتىيەلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن تەكلىپلىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تەييارلىقلىرىنى ماسلاشتۇرالىساق، قانۇن چىقىرىش يىلى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، پارلامېنتتا بۇ ئىشنى تاماملىيالايمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسى سايىسىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۈستۈنلۈكىنىڭ قانچىلىك ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كوۋېد-19 مەزگىلىدە ھەممە بىرلىكتە كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت ھېلىھەم نۇرغۇن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تولغاقلارنىڭ دەردىنى تارتماقتا، بىز بولساق سەھىيەدىن سانائەتكىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە ئۆزىمىزنى ئىجابىي يۆنىلىش بويىچە ئايرىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر