ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە  2- بولدى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 986 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپادىكى ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئىككىنچى ئايرودۇرۇمغا ئايلاندى.

1714816
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە  2- بولدى

ياۋروپا ھاۋا يوللىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ 27-سېنتەبىردىن 3-ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئاۋىئاتسىيە قاتناش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كوۋىد-19 يۇقىمى چەكلىمىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بېكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئامىستېردام ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1664 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە بىرىنچى  بولغان.

ئامىستىردام ئايرودۇرۇمىدىن قالسىلا ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 986 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئىككىنچى بولغان.

فىرانكفورت ئايرودۇرۇمى 938 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 3-، پارىژ چارلېز دېگول ئايرودۇرۇمى 844 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 4-، ئانتاليا ئايرودرومى 699 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 7- بولغان.

ئوخشاش مەزگىلدە، ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپادىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىڭ 70 قېتىم ئۇچقان بولۇپ، بىر ھەپتىلىك ئۇچۇش قېتىم سانى 165 مىڭ 86 گە يەتكەن.

ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە، 2019-يىلىدىكى ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى نىسبىتىنىڭ % 72 ى ئىشقا ئاشقان.

«Ryanair» شىركىتى كۈندىلىك 2328 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ياۋروپادا ئەڭ كۆپ ئۇچقان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولۇپ  رۇيخەتكە ئېلىنغان.

ئۇنىڭدىن قالسىلا تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى كۈندىلىك 1212 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 2-، «Easyjet » شىركىتى 1449 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 3-، پېگاسۇس ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 458 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 9-بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر