دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى: سۈرىيەدىكى پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىپ مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر رايوننىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە مەڭگۈلۈك ۋە سىجىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا توسالغۇ بولىدۇ

1713178
دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، سۈرىيەدىكى پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىپ مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، رايوننىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە مەڭگۈلۈك ۋە سىجىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا توسالغۇ بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتقا قارىغاندا، يىغىندا، پ ك ك / ك ج ك – پ ي د / ي پ گ، فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق مىللىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىك، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارشى ھەر خىل تەھدىت ۋە خەتەرلەرگە قارىتا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بېرىلگەن.

سۈرىيە مەسىلىسىگە ئارىلاشقان كۈچلەرنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە پاراۋانلىققا ئېرىشىشىدىكى مەسئۇلىيىتى تەكىتلەنگەن يىغىندا، پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىپ مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، رايوننىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە مەڭگۈلۈك ۋە سىجىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا توسالغۇ بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.

تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىسقا مۇناسىۋەتلىك  مەسىلىلەر بىلەن كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى ياخشى نىيەتلىك، بەرپاچى، ھەل قىلىش چارىسى مەركەزلىك تەكلىپ - پىكىرلىرىگە سەل قاراشنىڭ ھەم خەلقئارا قانۇن ۋە ھەققانىيەت  ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلىرى ۋە دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىنى قوللاشنىڭ بۇ رايوندىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئافغانىستاندىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىندا، تۈركىيەنىڭ دوست ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە باياشاتلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن كابۇل خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردە ئافغانىستاننى قوللايدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن؛ خەلقئارا جەمئىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسلىرىنى يېڭىشتە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىلغان.

يىغىندا، تۈركىيەنىڭ ئافرىقادا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش بىلەن ئۇ يەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئوت ئاپەتلىرى، كەلكۈنلەر، قۇرغاقچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئالامەتلەر بىلەن بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈلۈۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشى تەھدىتىگە قارشى دۇنيا مىقياسىدا ئورتاق كۈرەش پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشارەت قىلىنغان يىغىندا يەنە، تۈركىيەنىڭ ھەر بىر خەلقئارالىق مەسىلىدىكىگە ئوخشاش بۇ جەھەتتىمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر