ئەردوغان بايدىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغان بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغان بولدى.

1711929
ئەردوغان بايدىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى رەھبەر ئاخىرقى قىتىم 14 – ئىيۇندا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يىغىنىدا كۆرۈشكەن ئىدى.

بۇ ئۇچرىشىش ئەردوغان بىلەن بايدىن ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى يۈزتۇرانە ئۇچرىشىش بولغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىدا ئىككى رەھبەر قايتىدىن ئايرىم كۆرۈشىدىغان بولدى.

ئۇچرىشىشتا ئۆزئارا مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، رۇسىيەدىن سېتىۋىلىنغان S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

كۈنتەرتىپتىكى باشقا مۇزاكىرە ماددىلىرىنىڭ بولسا، ئافغانىستاندىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت بولۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر