مۇستاپا شەنتوپ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر سۇلتاندا ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

1710814
مۇستاپا شەنتوپ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، «كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە سودا مىقدارىمىزدا تۆۋەنلەش كۆرۈلمىدى، بەلكى ئېشىش بار. 2021-يىلى 7-ئايدا، ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا %50 ئەتراپىدا ئېشىش بار» دېدى.

مۇستاپا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى بىرلىكى (TÜRKPA) نىڭ 10 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي مەجلىسىگە قاتنىشىش ۋە ئۆز ئارا ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن قازاقىستانغا يېتىپ بېرىپ، زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە پايتەخت نۇر سۇلتاندا تۈرك سودا – سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

مۇستاپا شەنتوپ تۈركىيە -  قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «قازاقىستان مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان تۇنجى كۈنى تۈركىيە قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى. قازاقىستان بىلەن تۇنجى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتمۇ تۈركىيە بولدى. شۇنىڭدىن بۇيان قازاقىستان بىلەن دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق ئىچىدە ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتىمىز» دېدى.  

قازاقىستان بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مۇستاپا شەنتوپ: «كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە سودا مىقدارىمىزدا تۆۋەنلەش كۆرۈلمىدى، بەلكى ئېشىش بار. 2021 - يىلى 7 - ئايدا، ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا %50 ئەتراپىدا ئېشىش بار. ئەگەر بىز مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلساق، پىرېزىدېنتلىرىمىز ئوتتۇرىغا قويغان 10 مىليارد دوللارلىق نىشانغا تېزلا يېتىمىز. بۇ جەھەتتە ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ تۆھپەڭلارمۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر