چاۋۇشئوغلۇ: ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئۆزبېكسىتان بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1710775
چاۋۇشئوغلۇ: ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكسىتان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋنى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى)غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كومىتېتىنىڭ جىددىي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىستانبۇلدا كۈتۈۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئۆزبېكسىتان بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان چاۋۇشئوغلۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزگەن ئالاھىدە سودا كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن سودا ھەجىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋە بىر – بىرلىرىنىڭ ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر